Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئاشىقىمنىڭ ئىككى قىزىل مەڭزى چاقناپ تۇرار، تۈمەنمىڭلار ئارىسىدا خۇددى تۇغدەك سەرخىل تۇرار.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 5:10
14 Referans Kwoze  

ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا، لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر، مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا.


ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى، ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى.


ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.


ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!


مەن گويا بىر ياۋا گۈلمەن ئېچىلغان شاروندا، ئاددىيغىنە بىر چېچەكمەن ئۆسكەن گويا جىلغىدا.


يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ، داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: _ دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيغىن! _ دېدى.


دۈشمەنلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قورام تېشىنىڭ بىزنىڭ قورام تېشىمىزغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.


كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.


ئاسسۇرلارنىڭ قويۇق ئورمانلىقى ۋە مۇنبەت ئېتىزلىرى تۈگىشىدۇ، خۇددى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ.


سىئوننىڭ يولباشچىلىرى قاردىنمۇ پاك، سۈتتىنمۇ ئاق ئىدى. تەنلىرى قىزىل ياقۇتتىنمۇ پارقىراق، تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك گۈزەل ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite