Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 4:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئى مەھبۇبەم، بىللە كېتەيلى لىۋاندىن، مەن بىلەن بىللە كەتكىن بۇ يەردىن، ئاماناھ، سىنىر، خەرمون چوققىلىرىدىن، شىر ۋە يىلپىزلارنىڭ ئوۋىلىرىدىن.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 4:8
19 Referans Kwoze  

(خەرمون تېغىنى سىدونلۇقلار سىريون، ئامور خەلقى سىنىر، دەپ ئاتايدۇ.)


ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا، تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا. تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.»


تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.


ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر ۋە خەرمون تاغلىرىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.


كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.


ياش يىگىت يېڭى كېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك، سېنىڭ خەلقىڭمۇ يېرىڭدە ياشايدۇ. يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ.


ئى ئاشىقىم، كەل، ئېتىزلارغا بارايلى، يېزىلاردا قونۇپ قالايلى.


كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.


نادانلىق يولىنى تاشلاڭلار، بەختلىك ياشايسىلەر شۇندا، مېڭىڭلار ئاقىللىق يولىدا».


ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار، ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار.


خۇدا مەشھۇردۇر يەھۇدىيە خەلقىگە، نامى بۈيۈكتۇر ئىسرائىلىيە ئېلىدە.


ئۇنىڭ ھەر خىل دەل-دەرەخلەر ھەققىدە، يەنى لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلگىچە ئېيتقان سۆزلىرى بار ئىدى. ئۇ ھەتتا ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ھەققىدىمۇ توختالغانىدى.


ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەنىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە ئىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.


ئۆتۈنەي، مېنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى گۈزەل زېمىننى، ئاشۇ گۈزەل تاغلىق يەرلەرنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلغايسەن.»


دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دېگىنىچە بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى.


ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي، ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي. ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي، شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي.


ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.


سەن خېرمون تېغىنىڭ قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان كېمىگە ئوخشايسەن. ماچتاڭ لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite