4 بوينۇڭ ئوخشار داۋۇتنىڭ مۇنارىغا، نامايان قىلغاندۇر ئۇ شەرىپىڭنى. مىڭلىغان قالقان ئېسىلغاندۇر ئۇنىڭغا، باتۇرلارنىڭ قورالىدۇر ھەممىسى.
بوينۇڭ گويا پىل چىشى مۇنارىدۇر، كۆزلىرىڭ خۇددى باترابىم دەرۋازىسى يېنىدىكى خەشبۇن كۆلچىكىدۇر. قاڭشىرىڭ گويا دەمەشققە قاراپ تۇرغان لىۋان مۇنارىدۇر.
خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ.
يېشۇۋانىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ شەھىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەزەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى قورال ئامبىرىغا چىقىدىغان يولنىڭ ئۇدۇلىدىن سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغىچە رېمونت قىلدى.
ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
نەقەدەر گۈزەل ھالقىلىرىڭ جۇلاسىدىكى مەڭزىلىرىڭ، نەقەدەر چىرايلىق ئۈنچە-مارجان ئاسقان بويۇنلىرىڭ.
پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.
ئەي گىلبوۋا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن، يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن! چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى. سائۇلنىڭ قالقىنى ماي بىلەن ئەمەس،
ئوغۇللىرىمىز ئوخشىغاي ياخشى ئۆسكەن كۆچەتلەرگە، قىزلىرىمىز ئوردا تۈۋرۈكلىرىدىكى نەپىس نەقىشلەرگە.
بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.
ئەسلى مەن بىر سېپىل ئىدىم، مۇناردەك ئىدى كۆكرەكلىرىم، مەندىن خۇرسەن ئىدى يىگىتىم.
ئەي يېرۇسالېم، سەن خەلقنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە قەلئەسىسەن. سېنىڭ سەلتەنىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قېتىم پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولىسەن.»