2 چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان، كەم-كۈتىسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتىرىغا تىزىلغان.
چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان، كەم-كۈتىسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتىرىغا تىزىلغان.
خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.
سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر.
ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم، قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى. چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن،
ئاراڭلاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ئاياللار بولمايدۇ. سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن.
ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۈرسەن نېمانچە! كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە. گىلئاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.
نەقەدەر گۈزەل سېنىڭ ئېغىزلىرىڭ، لەۋلىرىڭ گويا قىپقىزىل يىپەك رەختتەك. چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.