11 لەۋلىرىڭ بالدۇر جېنىم، گويا ھەرە كۆنىكىدەك، خۇددى تىلىڭنىڭ ئاستىغا قايماق، ھەسەل يوشۇرغاندەك. ئېگىنلىرىڭ پۇراقلىقتۇر خۇددى لىۋاننىڭ خۇش پۇرىقىدەك،
كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.
شېرىندۇر ئېسىل شاراب كەبى لەۋلىرىڭ. سۆيۈملۈكۈم شاراب ئاقسۇن ئىچىمىزگە، شىلدىرلاپ لېۋىمىزدىن لېۋىمىزگە.
خۇشبۇي گىياھ تېرىلغان گۈلزار كەبى مەڭزىلىرى، قىزىلگۈلگە ئوخشار مۇرمەككى سۈرۈلگەن لەۋلىرى.
ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ ئاتىسىنى سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيىمىدىكى پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىدى: «ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق دەل پەرۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.
شۇ ۋەجىدىن، ھەمىشە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا مەدھىيىلىرىمىزنى قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتايلى، يەنى ئۆز ئاغزىمىز بىلەن ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى.
توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن!
بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغۇچە سۈزمە بىلەن بال يەيدۇ.
نەقەدەر گۈزەل سېنىڭ ئېغىزلىرىڭ، لەۋلىرىڭ گويا قىپقىزىل يىپەك رەختتەك. چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.
يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر، جانغا راھەت، تەنگە شىپادۇر.
ھەسەل تامار بۇزۇق خوتۇننىڭ لەۋلىرىدىن، سىلىقتۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى زەيتۇن يېغىدىن.
ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ، شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ. پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى، يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى.
قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن، شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن.
ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ، ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە. ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە.
تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.
شۇندا ئايرىلماس ئەقىل-ئىدراك سەندىن، دۇرۇس سۆزلەر تۆكۈلەر لەۋلىرىڭدىن.