10 ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ، ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە. ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە.
ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق،
نەقەدەر ئوماق، گۈزەلسەن جېنىم، سۆيۈنۈش تاپىمەن سەندىن ئامرىقىم.
مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
ئىشىكنى ئاچماق بولدۇم ئاشىقىمغا. تامدى مۇرمەككى قوللىرىمدىن، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا.
كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟
پادىشاھىم يانپاشلاپ ياتقىنىدا، خۇشبۇي بۇيۇملىرىم ھىدىنى چاچاتتى ئەتراپىدا.
يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى.
يۈرىكىمنى ئەسىر قىلدىڭ قېرىندىشىم، لەپ قىلىپ ماڭا بىر قارىشىڭدا. مەپتۇن قىلدىڭ كۆڭلۈمنى مەھبۇبەم، بوينۇڭدىكى مارجىنىڭنىڭ دانىسىدا.