7 قاراڭلار، ئۇ سۇلايماننىڭ تەختىراۋانىدۇر، ئۇنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئاتمىش پالۋان ئىسرائىللارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باتۇرلىرىدۇر.
شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.
سۇلايمان ياساتقان بۇ تەختىراۋان، لىۋاننىڭ ياغاچلىرىدىن ياسىلىپتۇ.
ئېھ جانانىم، سەن نەقەدەر قامەتلىك، سەن نەقەدەر سۆيۈملۈك، سېلىنچىمىزدۇر يېشىل چىمەنلىك.
ئاندىن ئۇ دۇئا قىلىپ: _ ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن تىلەيمەنكى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ يالقۇنلىنىپ تۇرغان ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاغ باغرىنى قاپلاپ، ئېلىشانى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
كېيىن پادىشاھ رىخوبئام ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى.
لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللارنى ھاشارغا سالماي، ئۇلارنى ئۆزىگە لەشكەر، خىزمەتكار، ئەمەلدار، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ لەشكەرلىرى قىلدى.
داۋۇت: _ پېقىرنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرىلا، _ دېدى. _ ئۇنداق بولسا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن، _ دېدى ئاكىش.
سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.
قىران ياش يىگىتلىرىڭلارنى، قۇل ۋە دېدەكلىرىڭلارنى ھەم ئېشەكلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆز ئىشىغا سالىدۇ.
كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟
ئۇلارنىڭ ھەممىسى يانلىرىغا قىلىچ ئاسقان، قىلىچ بىلەن جەڭ قىلىشقا ماھىرلاردۇر. كېچىدىكى تاسادىپىي تەھدىتلەرگە ئۆتكۈر قىلىچى بىلەن تەيياردۇر.
شۇڭا مەن يەھۇدىيلارنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم.