Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئايلىناي شەھەرنى، ئارىلاپ ھەممە كوچا، مەيداننى، ئىزدەي ئەمدى ئاشىقىمنى. شۇنچە ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم زادىلا ئۇنى.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 3:2
18 Referans Kwoze  

چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»


ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.


ھازىر مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بۇلارنى سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. چۈنكى، بىزنىڭ دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇش كۈنىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.


ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.


ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ، ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ. بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ.


ئىشىكنى ئاچماق بولدۇم ئاشىقىمغا. تامدى مۇرمەككى قوللىرىمدىن، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا.


نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى، بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى!


جېسەكچىلەر مېنى كۆرۈپ توختىدى، سورىدىم مەن ئۇلاردىن: _ كۆردۈڭلارمۇ ئاشىقىمنى؟


ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنە ماڭا، قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟ قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟ ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە. دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite