7 ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.
ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.
ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.
ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۈرمەن قارا بولساممۇ، قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك قارا بولساممۇ، چىرايلىقمەن سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك.
ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر، ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن، مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن.
ئۇنىڭ ئېغىزى بەكمۇ شېرىن، ھەر جەھەتتىن مەپتۇن قىلار ئادەمنى. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، بۇ مېنىڭ قەدىرلىكىم، بىلىپ قېلىڭلار ھەمراھىمنى.
ئاشىقىم خۇددى جەرەن، كېيىكتەك، ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈيدۇ. ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، روجەكلەردىن مارايدۇ.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى.
نافتالى ئەركىن ئانا كېيىكتۇر، ئۇ تۇغار سۆيۈملۈك بالا كېيىكلەرنى.
كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.
ئازاد قىل ئۆزۈڭنى ئوۋچى قولىدىن قاچقان كېيىكتەك، ئوۋچىنىڭ تورىدىن قۇتۇلغان قۇشتەك.
ئېھ ئاشىقىم، كېتىۋالغىن تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە. خۇددى جەرەن، كېيىكتەك تېزلىك بىلەن سەكرەپ ئېگىز تاغلاردىن ئۆتۈۋالغىن.
ئى ئاشىقىم، چاپسان كەلگىن يېنىمغا، خۇددى جەرەن، كېيىك كەبى قىيغىتىپ، يېتىپ كەلگىن خۇش پۇراقلىق تېغىمغا.
كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)