Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا، ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 2:16
15 Referans Kwoze  

مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇمۇ ماڭا، ھۇزۇرلىنار ئۇ قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.


مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا.


پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.


بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە، ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە.


ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزمەكچى بولغان يېڭى ئەھدە مۇنداق بولىدۇ: مەن قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.


ھىدى كېلەر دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئىشىكىمىز ئۈستىگە تىزىپ قويدۇق مېۋىلەرنى، مېۋىلەرنىڭ باردۇر كونا ۋە يېڭىلىرى، ئى ئاشىقىم، ساقلىدىم ساڭا ئۇلارنى.


ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا، ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا.


مەن گويا بىر ياۋا گۈلمەن ئېچىلغان شاروندا، ئاددىيغىنە بىر چېچەكمەن ئۆسكەن گويا جىلغىدا.


ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنە ماڭا، قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟ قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟ ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە. دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە.


ئاشىقىم كەتتى ئۆزىنىڭ گۈلزارىغا، دورا ئۆسۈملۈك بېغىدا ھۇزۇرلىنىشقا، ئۇ يەردىن قىزىلگۈللەرنى يىغىشقا.


ئى ئاشىقىم، كەل، ئېتىزلارغا بارايلى، يېزىلاردا قونۇپ قالايلى.


مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite