Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا، تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا. تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.»

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 2:13
16 Referans Kwoze  

«تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم» دەيدۇ ماڭا ئاشىقىم،


تۇپراق مايسىنى ئۈندۈرگەندەك، باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك، پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا، ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ.


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر.


- ئەي يېرۇسالېملىقلار! نېمىنىڭ سىلەرگە ئامانلىق كەلتۈرىدىغانلىقىنى بۈگۈن بىلگەن بولساڭلار! ئەمما، ئۇ ھازىر كۆزلىرىڭلاردىن يوشۇرۇندۇر.


- ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.


ئامباردا ئۇرۇق يوق. ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مېۋە بەرمىدى. ئەمما مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىمەن!»


ئۇلار يۇمران بىخ چىقىرىپ، زەيتۇن دەرىخىدەك گۈزەللىشىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك پۇراق چاچىدۇ.


ھوسۇل مەزگىلىدىن بۇرۇن چېچەكلەر توزۇپ، ئۈزۈملەر پىشاي دېگەندە، پەرۋەردىگار يۇمران شاخلارنى كېسىپ تاشلايدۇ، قاتار كەتكەن بۈك-باراقسان ئۈزۈم باراڭلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ.


چىقىپ خورما دەرىخىگە، تۇتسام دەيمەن ئۇنىڭ غۇژمەك مېۋىلىرىنى. بىلىمەن ئۈزۈم ساپلىرى دەپ كۆكسۈڭنى، پۇرىسام لەززەتلىك ئالما كەبى نەپىسىڭنى.


كىرگەن ئىدىم ياڭاقلىققا، كۆرەرمەنمۇ دەپ جىلغىدىكى چېچەكلەرنى، يۇمران ئۈزۈم نوتىلىرى، ئانارنىڭ چېچەكلىرىنى.


ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر، گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.


تۇتۇۋالغىن تۈلكىلەرنى، باغنى بۇزىدىغان تۈلكىلەرنى، چۈنكى چېچەكلىدى ئۈزۈملىرىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite