11 «مانا، قىش ئۆتتى، يامغۇر پەسلىمۇ كەتتى.
خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى بويىچە توپتوغرا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مەڭگۈلۈك ئاڭنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان بولسىمۇ، ئىنسان خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيدۇ.
بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن، ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چۆمدۈڭلار. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن.
قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.
يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»
يىغلاشنىڭ ۋە كۈلۈشنىڭ ۋاقتى بار، ھازا تۇتۇشنىڭ ۋە ئۇسسۇل ئويناشنىڭ ۋاقتى بار.
«تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم» دەيدۇ ماڭا ئاشىقىم،
دالالار گۈل-چېچەككە پۈركەندى، ناخشىلار جاراڭلايدىغان پەيت كەلدى، قۇشلار ۋىچىرلىشىپ سايراشماقتا.