Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 «تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم» دەيدۇ ماڭا ئاشىقىم،

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 2:10
18 Referans Kwoze  

ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا، تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا. تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.»


مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.


مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»~گە - ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم.


ئاڭلاۋاتىمەن ئاشىقىمنىڭ ئاۋازىنى! قارا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ ئېشىپ تاغلاردىن، ئويناپ ئۆتۈپ ئېدىرلاردىن.


ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.


ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.


قۇلاق سالاي خۇدانىڭ سۆزلىرىگە، خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ ئىگەم ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا، ماڭمىسۇن دەپ خاتا يولدا ئۇلار يەنە.


ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى، يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا مۇنداق دەيدۇ: «خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى، خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى


ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمى مەتتا بولۇپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى. مەتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.


ئېھ ئامرىقىم، ئوخشايسەن پىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا.


ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر، گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.


«مانا، قىش ئۆتتى، يامغۇر پەسلىمۇ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite