Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئېھ ئامرىقىم، ئوخشايسەن پىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 1:9
13 Referans Kwoze  

ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا، تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا. تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.»


«تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم» دەيدۇ ماڭا ئاشىقىم،


مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.


ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.


ئى ئامرىقىم، گۈزەلدۇرسەن نەقەدەر، سەندە يوقتۇر ھېچبىر نۇقسان، قۇسۇر.


تۇرار مېنىڭ ئامرىقىم قىزلار ئارا، چېچەكلىگەن قىزىلگۈلدەك تىكەن ئارا.


ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر، گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.


ئى سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۇرسەن تىرزاھ شەھىرىدەك، يېقىملىقسەن يېرۇسالېمدەك، ھەيۋەتلىكسەن تۇغ كۆتۈرگەن قوشۇندەك.


ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۈرسەن نېمانچە! كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە. گىلئاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى.


ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگەن لەشكەرلەرمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چوڭ بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite