نەزمىلەر شاھى 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى، ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى. ئى پادىشاھىمىز، شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن، سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى، ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى. Gade chapit la |
مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان، ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.