17 كېدىردىن ياسالغاندۇر ئۆگزىمىزنىڭ لىملىرى، قارىغاي ياغىچىدۇر ئۇنىڭ ۋاسىلىرى.
ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ سېلىنغان، ئۇلى مۇستەھكەم مەڭگۈلۈك شەھەرنى كۈتكەنىدى.
خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.
بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى تاشقىرىقى ھويلىدىكى تاش ياتقۇزۇلغان يولغا قارايتتى. ئىمارەتنىڭ كەينى تەرىپى ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بوش يەرگە قارايتتى. بۇ ئىمارەت ئۈچ قەۋەت سېلىنغانىدى.
تاملىرى يەردىن پەنجىرىلىرىگىچە بولغان ئارىلىقى تاختاي بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گىرۋەك چىقىرىلغانىدى، پەنجىرىلەرنى ئېچىپ ياپقىلى بولاتتى.
ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا، كۈمۈش مۇنار تىكلەپ ئۇنى قوغدايلى، ئەگەر بولسا ئۇ بىر دەرۋازا، كېدىر ياغىچى بىلەن ئۇنى توسايلى.
بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.
سۇلايمان ئىبادەتخانا تاملىرىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆگزىسىنى كېدىر لىملىرى ۋە كېدىر ياغاچلىرىدىن قىلىنغان تاختايلار بىلەن ياپتى.
ئىبادەتخانىغا يانداش سېلىنغان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىملىرى ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىغا قويۇلغانىدى.
ئاساسىي خانا قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلىنىپ، ئاندىن ساپ ئالتۇن چاپلىنىپ، ئۈستىگە خورما دەرىخى ۋە ئۆرۈمە تانىلارنىڭ شەكلى ئويۇلغانىدى.
ئۇ: ‹مەن ئۆزۈمگە ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى ھەيۋەتلىك بولغان چوڭ بىر ئوردا سالدۇرىمەن› دەيدۇ. ئۇ دېرىزىلەرنى ئورنىتىپ، تاملىرىنى كېدىر تاختىيى بىلەن بېزەيدۇ ۋە خانىلىرىنى قىزىل رەڭدە سىرلايدۇ.