13 سۆيۈملۈكۈم مۇرمەككىدەك گويا، قونۇپ قالار كۆكسۈلىرىم ئارىسىدا.
شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي.
بۇرۇن بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن نىكودىممۇ جەسەتكە چاچىدىغان سەبرە ئارىلاش مۇرمەككى دېگەن دورا-دەرماندىن ئوتتۇز نەچچە كىلو ئېلىپ، يۈسۈپ بىلەن بىللە كەلدى.
ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ، شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ. پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى، يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى.
خۇشبۇي گىياھ تېرىلغان گۈلزار كەبى مەڭزىلىرى، قىزىلگۈلگە ئوخشار مۇرمەككى سۈرۈلگەن لەۋلىرى.
ئىشىكنى ئاچماق بولدۇم ئاشىقىمغا. تامدى مۇرمەككى قوللىرىمدىن، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا.
كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.
زەپەر، پۇراقلىق ئېگىر، قوۋزاقدارچىن، ھەر خىل خۇشبۇي دەرەخلەر، مۇرمەككى، مۇئەتتەرلەر ۋە ئەڭ ئېسىل ئىسرىقلارغا لىق تولغان.
تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە، چىقىپ تۇراي مۇرمەككى تېغىغا، خۇش پۇراققا تولغان دۆڭلەرگە.
ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.
ياقۇپ ئۇلارغا: _ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار.
كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟
ئويغان، ئەي شىمال شامىلى، سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى، ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن، چېچىلار باغچامدىن خۇش پۇراق. ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا، يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق.