Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 4:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇ كىشى: _ ئۇنداقتا بۇ يەرنى ئېلىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىمەن، چۈنكى بالىلىرىمغا قالىدىغان مىراس بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن. سەن ئالغىن! مەن ئالالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 4:6
8 Referans Kwoze  

بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئەمرىگە ئالسا ياخشى، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.


ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللاردىن بىرەرسى نامراتلىشىپ، يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىرىگە ساتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇ سېتىۋەتكەن يەرنى سېتىۋالسۇن.


ئەگەر بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ تۇل قالغان ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «يولدىشىمنىڭ قېرىندىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مېنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نام قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى» دېسۇن.


بۇ چاغدا يەھۇدا ئوغلى ئونانغا: _ سەن بېرىپ يەڭگەڭنى ئەمرىڭگە ئېلىپ، ئاكاڭنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇر. بۇ سېنىڭ بۇرچۇڭ، _ دېدى.


ئاقساقاللار ئۆلگۈچىنىڭ قېرىندىشىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسۇن. ئەگەر ئۇ يەنىلا ئۇنىمىسا،


تۇل ئايال ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سالدۇرۇۋالسۇن ۋە يۈزىگە تۈكۈرۈپ: «ئۆز قېرىندىشىنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشى مۇشۇنداق ھاقارەتكە قالىدۇ» دەپ جاكارلىسۇن.


نائومى روھلانغان ھالدا: _ بىزگە ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە ئۆز مەرھەمىتىنى كۆرسەتكەن بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە: _ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتى بار، _ دېدى. رۇت:


_ سەن كىم؟ _ دەپ سورىدى. _ بۇ مەن رۇت، خىزمەتكارىڭىز. سىز مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بولغان يېقىن تۇغقىنىم. شۇڭا سىز قانىتىڭىزنى ماڭا سايە قىلىپ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز! _ دېدى رۇت.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite