2 بوئاز يەنە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون نەپىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغۇزدى. كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،
ئېرى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇرۇر، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيى باردۇر.
شۇنداق قىلىپ، ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپ يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى.
ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن خەقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇترىتىپ، ئىستىپاننى تۇتقۇن قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى.
شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرمايدۇ ئەمدى ئاقساقاللار، ساز چېلىپ نەغمە قىلمايدۇ ياشلار.
ئۇ قىزنى خوجايىنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئۇنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا خوجايىن قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ قىزىنى ھۆر قىلىشىغا پۇرسەت بەرسۇن. خوجايىنىنىڭ ئۇ قىزنى ياتلارغا سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى خوجايىن ۋەدىسىدە تۇرمىغاندۇر.
ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشقۇرغۇچىلارنى ئالدىمغا چاقىرىپ كېلىڭلار، مەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغىمۇ دەي. بۇنىڭغا ئاسمان-زېمىن گۇۋاھ بولسۇن.
سىلەر بۈگۈن ھەممىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. ئاراڭلاردا قەبىلە باشلىقلىرى، ئاقساقاللار، باشقۇرغۇچىلار، باشقا بارلىق ئىسرائىل ئەرلىرى،
ئەگەر بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ تۇل قالغان ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «يولدىشىمنىڭ قېرىندىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مېنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نام قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى» دېسۇن.