Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 4:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شەھەردىكى ئاياللار نائومىغا: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ بۈگۈن سىزگە تايانچ بولىدىغان بىر نەۋرە ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلىيەدە ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن.

Gade chapit la Kopi




رۇت 4:14
13 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.


ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ.


«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.


قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.


ھەرقانداق ئەھۋالدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى، مانا بۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر.


خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.


ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، تۆتىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇي» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا [ئىبرانىي تىلىدىكى «مەدھىيە» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇغمىدى.


مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite