13 شۇنداق قىلىپ، بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلار بىر تەكىيىگە باش قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى بىلەن رۇت ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.
ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: _ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ياقۇپ: _ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى ئاتا قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ لېياھنى بەكمۇ ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، لېياھنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى، لېكىن راھىلە يەنىلا بالا تۇغمىدى.
قىزىم، غەم قىلمىغىن! سېنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بىر ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.
ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.
مەن پەرۋەردىگاردىن پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغانىدىم، پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، ماڭا بۇ بالىنى ئاتا قىلدى.
پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پەرەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى.
ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ: _ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى.
رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.
پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار سەۋەبىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئوردىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تۇغماس قىلىۋەتكەنىدى. شۇڭا ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى. خۇدا پادىشاھ ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يەنە پەرزەنت كۆرەلەيدىغان قىلدى.