Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 4:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ۋارىس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ نامىنىڭ بۇرادەرلىرى ئارىسىدا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىدا ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇم ماخلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئەمرىمگە ئالىمەن. بۈگۈن سىلەر بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولغايسىلەر، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 4:10
19 Referans Kwoze  

ئۆلگۈچىنىڭ نامى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن يوقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغۇل ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھېسابلانسۇن.


ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قانداق سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار.


ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياش چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلارغا گۇۋاھتۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭلار سىلەرگە سادىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن.


ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى.


شۇڭا مەن ئايالىمنى 170 گىرام كۈمۈش ۋە 150 كىلو ئارپىغا سېتىۋالدىم.


ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى، ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم زەررىچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى، ھەرگىز مېنىڭ ئالدىمدىن يوقىتىلمايتتى.»


مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن، ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن.


ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار.


خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن دائىم گۇناھلىرى، يەر يۈزىدىن يوق قىلسۇن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى.


يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.


بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟


لېياھ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، راھىلەنىمۇ نىكاھىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ كېرەك! _ دېدى.


بوئاز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار ھەم جامائەتكە: _ ئەي جامائەت، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن ھەممىڭلار گۇۋاھ بولۇڭلار. مەن نائومىدىن ئەلىمەلەكنىڭ مىراسىنى، يەنى كىليون بىلەن ماخلونغا تەۋە بولغان يەر-زېمىنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىلكىمگە ئالىمەن.


لېكىن ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى سىرتقا ئاقتۇرۇۋېتەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite