Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرغىن! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 4:1
21 Referans Kwoze  

مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار.


ئەگەر بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ تۇل قالغان ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «يولدىشىمنىڭ قېرىندىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مېنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نام قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى» دېسۇن.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە قەبىلىلەر بويىچە تەقسىم قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە سوتچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى تەيىنلەڭلار. ئۇلار ئادالەت بىلەن ئىش قىلسۇن.


يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.


شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، يېتىملەرگە قول كۆتۈرگەن بولسام،


شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئولتۇرغان ئاقساقاللار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغىنىمدا،


ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە:


پەرۋەردىگار: «تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.


ئۇنى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.


شۇ چاغدا ئەفرون باشقا خىتلار بىلەن بىرگە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:


شۇنىڭ بىلەن خامور ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:


لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن.


نائومى ئۇنىڭغا: _ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىققۇچە، بۇ جايدا ساقلاپ تۇرغىن. بوئاز بۈگۈن بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزمەي بولدى قىلمايدۇ، _ دېدى.


ئۇ دائىم سەھەر تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بويىدا تۇراتتى. بىرەرسى دەۋا ئىشى توغرۇلۇق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلسە، ئابسالوم ئۇنىڭدىن «قەيەرلىكسىز؟» دەپ سورايتتى. ئۇ ئادەم: «پېقىر ئىسرائىلىيەنىڭ پالانى قەبىلىسىدىن» دەپ جاۋاب بەرسە،


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونلىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرۇشتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى.


تەنە قىلدى شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلار، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىغا تېما بولدۇم.


ئېرى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇرۇر، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيى باردۇر.


مەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا سېتىۋېلىش توختامىغا ئىمزا قويۇپ، مۆھۈر بېسىپ، كۈمۈشنى تارازىدا ئۆلچەپ ئۇنىڭغا بەردىم.


شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite