Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 3:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئەمرىگە ئالسا ياخشى، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 3:13
11 Referans Kwoze  

مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»


بوئاز ئۇنىڭغا: _ خوپ! ئەگەر سەن ئۇ زېمىننى نائومىدىن ئالساڭ، مەرھۇم ئوغلىنىڭ موئابلىق تۇل خوتۇنى رۇتنىمۇ ئەمرىڭگە ئېلىشىڭ ھەم مەرھۇمنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇپ، ئەۋلادىغا بۇ يەرنى مىراس قالدۇرۇشۇڭ شەرت، _ دېدى.


نائومى روھلانغان ھالدا: _ بىزگە ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە ئۆز مەرھەمىتىنى كۆرسەتكەن بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە: _ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتى بار، _ دېدى. رۇت:


ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلىدۇ. قەسەم ئىسپات ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ.


گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ھايات قالدۇرغان بولاتتىم، _ دېدى.


خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇشۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.


مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار.


بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن.


ئۇ كىشى: _ ئۇنداقتا بۇ يەرنى ئېلىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىمەن، چۈنكى بالىلىرىمغا قالىدىغان مىراس بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن. سەن ئالغىن! مەن ئالالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite