رۇت 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار. Gade chapit la |
بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئەمرىگە ئالسا ياخشى، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.
شۇڭا سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرمەكچىدىم. ئەگەر سەن بۇ يەرنى ئېلىشنى خالىساڭ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئاقساقاللار ۋە جامائەت ئالدىدا ئالغىن. ئەگەر ئېلىشنى خالىمىساڭ، ئوچۇق ئېيتقىن. بۇنى مېنىڭ بىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن سېنىڭ ئېلىش ھوقۇقۇڭ بار. ئاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ، _ دېدى. ھېلىقى تۇغقىنى: _ ئالىمەن، _ دېدى.