Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 بوئاز ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ.

Gade chapit la Kopi




رۇت 3:10
8 Referans Kwoze  

نائومى روھلانغان ھالدا: _ بىزگە ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە ئۆز مەرھەمىتىنى كۆرسەتكەن بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە: _ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتى بار، _ دېدى. رۇت:


ئىككى كېلىنىگە: _ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىدىڭلار، شۇڭا سىلەرگىمۇ پەرۋەردىگار ياخشىلىق ئاتا قىلغاي.


رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا: _ پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي! _ دەپ سالام بەردى. _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلارمۇ.


ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىزگە ئۆي، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.


_ سەن كىم؟ _ دەپ سورىدى. _ بۇ مەن رۇت، خىزمەتكارىڭىز. سىز مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بولغان يېقىن تۇغقىنىم. شۇڭا سىز قانىتىڭىزنى ماڭا سايە قىلىپ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز! _ دېدى رۇت.


سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى.


بوئاز ئۇنىڭغا: _ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن، قېيىنئاناڭغا ۋاپادار بولغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite