Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇ مەندىن ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئارپا باغلىرىدىن چۈشۈپ قالغان باشاقلارنى تېرىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. سەھەردىن بېرى تېرىۋاتىدۇ، كەپىدە پەقەت بىرئاز ئارام ئالدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 2:7
14 Referans Kwoze  

كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟ ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر.


كەمبەغەل يالۋۇرۇپ سۆزلەر، باي بولسا قوپال جاۋاب بېرەر.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر، ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئالدىدا كىچىك پېئىللىق يۈرەر.


ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە، ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا.


ئەيسا مەسىھكە چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بار بولغانلىقتىن، بىر-بىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.


قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.


شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.


قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار.


- ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر.


بىر كۈنى رۇت نائومىغا: _ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، باشاق تېرەي، _ دېدى. _ مەيلى، بارغىن قىزىم، _ دېدى نائومى.


ئۇ: _ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىرگە موئابتىن كەپتۇ.


بوئاز رۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، گېپىمگە قۇلاق سالغىن! باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ باشاق تېرىش خىيالىدا بولمىغىن. بۇ يەردە ئايال خىزمەتكارلىرىمنىڭ قېشىدا تەرگىن.


_ ئۇ يەنە مېنىڭ تاكى ئورما ئاياغلاشقۇچە ئۆز ئورمىچىلىرىنىڭ كەينىدىن باشاق تېرىشىمگە رۇخسەت بەردى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite