23 شۇنداق قىلىپ رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە باشاق تەردى. ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.
دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار، ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار.
دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار، مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار.
_ ھوسۇل يىغقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يەتتە ھەپتىدىن كېيىن
مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.»
پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا تۇراتتى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ،
بۇ زىغىر چېچەكلىگەن ۋە ئارپا تېخى پىشمىغان ۋاقىت ئىدى، شۇڭا مۆلدۈر ئۇلارنى خاراب قىلىۋەتكەنىدى.
نائومى كېلىنىگە: _ قىزىم، شۇنداق قىلغىن! بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگىن. ئەگەر باشقا كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا بارساڭ، سېنى بوزەك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا: _ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي، سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولغىن.
شۇنداق قىلىپ، نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.