15 رۇت ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە باشاق تەرگىلى كەتكەندە، بوئاز ئەر ئورمىچىلىرىغا: _ ئۇ باغلانغان باغلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ تەرسىمۇ توسماڭلار ۋە كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار.
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. ئۇنى كەمبەغەللەرگە ۋە ئاراڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»
تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا: _ قېنى كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى. رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى.
ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن باغلاردىن ئازراق سۇغۇرۇپ چىقىرىپ قويۇڭلار. ئۇنى ئەيىبلىمەڭلار، _ دەپ تاپىلىدى.
ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار.