Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا: _ قېنى كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى. رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 2:14
17 Referans Kwoze  

رۇت ئارپىسىنى كۆتۈرۈپ، شەھەرگە قايتىپ كەلدى ۋە قېيىنئانىسىغا قانچىلىك ئارپا تەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەم ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى.


ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى.


يەڭلار، تويغىنىڭلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار. چۈنكى ئۇ ئاشۇ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى.


يېمەكلىكلىرىڭلارنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش، سەرگەردانلارنى ئۆيۈڭلەردە قوندۇرۇش، يالىڭاچلارغا كىيىم كىيىدۈرۈش ئەمەسمىدى؟ تۇغقانلىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، بەلكى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟


ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.


دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا، ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا، بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.


ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چۆلدە يۈرۈپ ھېرىپ، قورساقلىرى ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ، يوتقان-كۆرپە، تاۋاق، ساپال قاچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، ماش، ھەسەل، سۈزمە، قۇرۇت، ئىرىمچىك ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.


ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، بىر خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم ئەنجۈر قېقى تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ،


بىر كۈنى يىشاي ئوغلى داۋۇتقا: _ ئوغلۇم، سەن ماۋۇ بىر خالتا قوماچ بىلەن ئون ناننى بارگاھتىكى ئاكىلىرىڭغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاپىرىپ بەرگىن.


چارۋا ماللىرىڭلارنى ئېتىزىڭلاردا ئوت-چۆپلەرگە ئىگە قىلىدۇ. سىلەر يەيسىلەر، توق ياشايسىلەر.


رۇت ئۇنىڭغا: _ خوجام، سىز ماڭا شۇنچە كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتتىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ خىزمەتكارلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


رۇت ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە باشاق تەرگىلى كەتكەندە، بوئاز ئەر ئورمىچىلىرىغا: _ ئۇ باغلانغان باغلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ تەرسىمۇ توسماڭلار ۋە كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite