Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بوئاز ئۇنىڭغا: _ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن، قېيىنئاناڭغا ۋاپادار بولغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار.

Gade chapit la Kopi




رۇت 2:11
15 Referans Kwoze  

شۇنىڭغا ئوخشاش، قايسىڭلار بولسۇن بار-يوقۇڭلاردىن ۋاز كەچمىسەڭلار، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايسىلەر.


ئۇلار كېمىنى قىرغاققا توختىتىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.


تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.


«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە ھەم گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەم كېسەللەرنى ساقايتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، - دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! - دەپ بۇيرۇدى.


بىراق نائومى: _ قىزلىرىم، قايتىپ كېتىڭلار! نېمىشقا مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ئويلاپ بېقىڭلار، مەن يەنە سىلەرگە ئەر بولىدىغان ئوغۇل تۇغالامدىمەن؟


رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ: _ نېمىشقا مەندەك بىر مۇساپىرغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى.


قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.


سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.


بوئاز ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ.


سائۇلنىڭ توقىلى، يەنى ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر داۋۇتقا يېتىپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite