Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئىككى كېلىنىگە: _ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىدىڭلار، شۇڭا سىلەرگىمۇ پەرۋەردىگار ياخشىلىق ئاتا قىلغاي.

Gade chapit la Kopi




رۇت 1:8
14 Referans Kwoze  

كېيىن ماخلون ۋە كىليونلارمۇ ۋاپات بولۇپ، نائومى پەرزەنتسىز ھەم تۇل بولۇپ قالىدۇ.


نائومى روھلانغان ھالدا: _ بىزگە ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە ئۆز مەرھەمىتىنى كۆرسەتكەن بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە: _ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتى بار، _ دېدى. رۇت:


ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقىگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان مىراسنى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى، سىلەر ھەقىقىي خوجايىنىڭلار رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر.


ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.


ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن تۇرۇۋاتقان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ يولىدا كېتىۋاتقاندا،


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، تىنچ-ئامان ياشىشىڭلارغا نېسىپ قىلغاي، _ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن:


بوئاز ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ.


سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزگەي، مەنمۇ ياخشىلىقىڭلارنى ياخشىلىق بىلەن ياندۇراي.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite