19 ئۇلار بىرلىكتە بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن شەھەر خەلقى ھاياجانغا چۆمدى. ئاياللار ئەجەبلىنىپ، بىر-بىرىگە: _ ئۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتۈن شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: - بۇ كىمدۇ؟ - دېيىشەتتى.
چاۋاك چېلىپ، مازاق قىلار سېنى يولدىن ئۆتكەنلەر، ئۇلار يېرۇسالېمغا قارىشىپ، بېشىنى چايقىشىپ: «گۈزەللىكتە تەڭداشسىز شەھەر شۇمۇ؟ پۈتۈن دۇنيانى شادلاندۇرغان شەھەر شۇمۇ؟» دېيىشەر.
قەدىمىي شەھىرىڭلار خۇشال-خۇراملىققا تولغان شەھەرمىدى؟! سىلەر بۇ شەھەردىن دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق يىراق ئەللەردە ياشاشقا بارغان ئەمەسمۇ؟!
نائومى: _ مېنى نائومى [مەنىسى «تاتلىق»] دېمەي، مارا [مەنىسى «ئاچچىق»] دەڭلار! _ دېدى. ئۇ يەنە ئۇلارغا: _ ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى شور پېشانە قىلدى.
ئۇ: _ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىرگە موئابتىن كەپتۇ.
ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سالما بولۇپ، ئۇ بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى خارېف بولۇپ، ئۇ بەيت-گادېر شەھىرىگە ئاساس سالدى.