Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 1:17
18 Referans Kwoze  

ئەلى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى قاتتىق جازالىغاي! _ دېدى.


پادىشاھ: _ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ كاللىسى بۈگۈن ئۇنىڭ تېنىدە قالىدىغان بولسا، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: _ ئادونىيانىڭ شۇ سۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىسام خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!


داۋۇت ئۇلارغا يەنە ئاماساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى: «ئەي ئاماسا، سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!»


بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.


خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىغاي!


ئۇلار داۋۇتنى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىدى. لېكىن داۋۇت قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.


بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.


ئىزەبەل ئىلياسقا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.


مەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان بولسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


بىراق رۇت: _ مېنى سىزدىن تېنىشقا ۋە قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم.


سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.


سائۇل: _ ئەي يوناتان! چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى قاتتىق جازالايدۇ _ دېدى.


ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولسا، لېكىن مەن ساڭا خەۋەردار قىلماي، سېنىڭ ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك ساڭىمۇ يار بولسۇن!


بىراق ئىتتاي پادىشاھقا: _ ئى پادىشاھى ئالەم، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىلى نەدە بولسىلا، پېقىر شۇ يەردە بولىمەن، سىلى بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


جەسەتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياشانغان پەيغەمبەر ئوغۇللىرىغا: _ مەن ئۆلگەندىن كېيىن، سىلەر مېنى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر دەپنە قىلىنغان قەبرىگە دەپنە قىلىڭلار، جەسىتىم ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن.


تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite