14 ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپاھ قېيىنئانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ، قايتىپ كەتتى. لېكىن رۇت قېيىنئانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى.
بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار، لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار.
كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!
ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. پەرزەنتلىرىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.
بىراق، بىز ئېتىقادىدىن يېنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلىپ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىدىغانلاردىندۇرمىز.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىگىت قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.»
پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان، قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان.
ئېلىشا ئۆكۈزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىلياسنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ: _ ئاتا-ئانامنى سۆيۈپ خوشلىشىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ئاندىن سىزگە ئەگەشسەم، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ بېرىشىڭ زۆرۈر بولسا، بېرىپ كەلگىن، _ دېدى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار.
چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى.
بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن دىيونىسىيۇس، دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال ۋە باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى.
ئەڭ بولمىغاندا، ماڭا نەۋرىلىرىم بىلەن قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەپسەن. بەكمۇ ئەخمەقلىق قىلىپسەن!
لېكىن پەرۋەردىگارغا سادىق بولغان ھەممىڭلار بۈگۈنگىچە ھايات قالدىڭلار.
سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق، قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! مېنى پەرۋەردىگار ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكنىڭ دەردىنى سىلەر تارتساڭلار بولمايدۇ، _ دېدى.
نائومى ئۇنىڭغا: _ كېلىن سىڭلىڭ ئورپاھ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىلاھىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. رۇت، سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قايتقىن! _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئاندىن بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن تۇرۇۋاتقان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ يولىدا كېتىۋاتقاندا،
بوئاز ئۇنىڭغا: _ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن، قېيىنئاناڭغا ۋاپادار بولغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار.