Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رۇت 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق، قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! مېنى پەرۋەردىگار ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكنىڭ دەردىنى سىلەر تارتساڭلار بولمايدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




رۇت 1:13
11 Referans Kwoze  

ئەي دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى خۇدا مېنى ئۇردى.


ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا، ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. سېلاھ


ئۇلار ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا پەرۋەردىگار ئۆزى قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىنتايىن زور بالايىئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى.


كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ، باستى مېنى قوللىرىڭ.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولغۇدەك، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرەتتى.


پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىكى بۇ جەڭچىلەر تامامەن يوقىتىلغانىدى.


ئاندىن يەھۇدا كېلىنى تامارغا: _ ئوغلۇم شېلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇرمۇشقا چىقماي تۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شېلاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


قايتىپ كېتىڭلار، قىزلىرىم، مېڭىڭلار! مېنىڭ يېشىم نىكاھلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. نىكاھلىنىشىمغا ئازراق ئۈمىدنىمۇ بار دەيلى، مەن بۈگۈنلا بىرسىگە تېگىپ، ئوغۇللۇق بولدۇممۇ دەيلى،


ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپاھ قېيىنئانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ، قايتىپ كەتتى. لېكىن رۇت قېيىنئانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى.


مەن يۇرتۇمدىن كەتكىنىمدە بەختلىك ئىدىم، لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. مېنى پەرۋەردىگار ئازابقا سالدى، ھەممىگە قادىر خۇدا بەختسىز قىلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە نېمىشقا مېنى نائومى دەپ ئاتايسىلەر!؟ _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite