Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 9:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولۇۋەرمەيدۇ. پەقەت خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىگە ئاساسەن تۇغۇلغان ئەۋلادلارلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 9:8
14 Referans Kwoze  

بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ.


خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.


يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار: «بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. سېلاھ


بولۇر بىر ئەۋلاد پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، ئىگە بولار ئۇچۇرغا ئەۋلادلار ئىگەم ھەققىدە.


ئۇ بىزنى تالانىڭ ئادىمى، دەپ قارايدۇ. ئۇ بىزنى ساتتى ۋە بىزنىڭ تويلۇقىمىزنىمۇ يەپ كەتتى.


_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر، شۇڭا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار ياكى چېچىڭلارنىڭ ئالدىنى چۈشۈرمەڭلار.


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.


گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite