Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 9:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 مەن ھەرگىزمۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسى بىكار بولدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادى بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 9:6
14 Referans Kwoze  

مۇنداق كۆزقاراش بىلەن ياشايدىغانلارغا - خۇدانىڭ ھەقىقىي خەلقىگە ئامانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت يار بولغاي!


بەزى يەھۇدىيلار خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلدىمۇ دەيلى. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمامدۇ؟


ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: - مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! - دېدى.


خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس، خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس. ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس، ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.


ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.


خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.


بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ.


مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ-دە! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ!


ئىسرائىللار بولسا خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارغا پەرزەنتلىك سالاھىيىتىنى بەردى، ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى، ئۇلار بىلەن ئەھدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇلارغا تەۋرات قانۇنىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشتى.


خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite