رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 9:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: «ئەگەر ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار بىزنىڭ نەسلىمىزنى ساقلاپ قالمىغان بولسا، بىزمۇ خۇدا ئوت ياغدۇرۇپ يوق قىلىۋەتكەن سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكىلەردەك بولاتتۇق.» Gade chapit la |
سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.