32 ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.
خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.
ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى.
خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.
بىز بولساق بۇ دۇنيانىڭ ئاقىللىقىنى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى چۈشىنەلەيمىز.
چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.
ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.
ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.
بىز تارتىۋاتقان مۈشكۈلچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەشەككۈرلىرى خۇداغا ئېيتىلىپ، خۇدا تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىدۇ.
چۈنكى، ئېتىقادسىزلىق قىلساڭلار، دەرەخنىڭ ئەسلىدىكى شاخلىرىنى، يەنى يەھۇدىيلارنى ئايىمىغان خۇدا سىلەرنىمۇ ئايىمايدۇ.
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.