25 بىراق، بىز تېخى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانغا ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.
ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار.
خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ.
تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.
خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.
بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ،
چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.
ئى پەرۋەردىگارىم، قۇتقۇزۇشۇڭنى كۈتمەكتىمەن!
رەببىمىز ئەيسا سىلەرنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىگەي ۋە سىلەرنى ئۆزىگە ئوخشاش چىداملىق قىلغاي.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»
پەقەت پۈتكۈل مەۋجۇداتلا ئەمەس، ھەتتا مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىمىزگە سېلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ كەلگۈسىدە بېرىدىغان شان-شەرىپىنى تېتىپ باققان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا ئاھ ئۇرماقتىمىز. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىز ئايان قىلىنىشى بىلەن بىرگە يېڭى تەنگە ئېرىشىشنى كۈتمەكتىمىز.
مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم.
شۇنداق بولغاندا، قاشاڭلاردىن بولماي، بەلكى ئۆز ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولىسىلەر.
ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ.
مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.
ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ئەيساغا سادىق بولغان خەلق سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى لازىم.
«خۇدانىڭ «تۇتقۇن بولىدۇ» دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ. خۇدانىڭ «قىلىچلىنىدۇ» دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سەۋر قىلىشى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى لازىم.
شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى.