رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9-10 تەۋرات قانۇنىنىڭ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمدىن رازى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلاتتىم. لېكىن، تەۋرات قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىم بىلەنلا، ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ۋە روھىي جەھەتتە ئۆلگەنلىكىمنى ئېنىق بىلدىم. تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارنى ھاياتلىققا يېتەكلەش ئۈچۈن بېرىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ قانۇنغا بويسۇنالمايدىغانلىقىمدىن ئۇنىڭ ماڭا ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. Gade chapit la |
لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئازاد قىلىندۇق. چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن. بىز كونا ئۇسۇل بويىچە، يەنى تەۋرات قانۇنىغا بۇرۇنقىدەك ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇسۇل بويىچە، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىمىز.