Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:7
30 Referans Kwoze  

دېمەك، ھەرقانداق كىشى خۇدانىڭ ئالدىدا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانمايدۇ. بەلكى، شۇ قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.


باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئايالى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.


تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.


ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى - گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بولسا بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ.


باشقىلارنىڭ ئايالى، ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئېتىزلىرى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.»


«زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېگەن پەرزلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەرزلەر «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.


لېكىن، گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ بۇ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدىكى ھەر خىل ئاچكۆزلۈكلەرنى قوزغىدى. بۇ قانۇن بولمىسا، گۇناھنىڭ بۇنداق كۈچىمۇ بولمايتتى.


لېكىن، بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئادالەتسىزلىكى خۇدانىڭ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىزنى جازالىسا، ئۇنى ئادىل ئەمەس، دېسەك بولامدۇ؟ (بەزىلەر شۇنداق دەپ، ئويلاپ يۈرىدىكەن!)


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ.


ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.


شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى قانۇن مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، ئەنە شۇ گۇناھ بۇ ياخشى قانۇندىكى ئەمرلەردىن پايدىلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. بىز ئەمدى گۇناھنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇۋالالايمىز. چۈنكى، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەر ئارقىلىق گۇناھنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.


گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىدىن پۇرسەت تېپىپ، مېنى ئازدۇرۇپ، ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى.


بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق.


ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز دەپ، گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ.


ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟


سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ھەرقانداق كىشىنىڭ كىيىملىرىگە ياكى ئالتۇن-كۈمۈشىگە كۆز قىرىمنىمۇ سالمىدىم.


كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ.


ئۇلار باشقىلارنىڭ يېرىنىڭ كويىدا بولسا يېرىنى، باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ كويىدا بولسا، ئۆيىنى تارتىۋالىدۇ. بىرسىنى ئۆيىدىن، يەنە بىرسىنى مىراسىدىن ئايرىيدۇ.


كۆردۈم مەن چەكلىكلىكىنى ھەممە نەرسىنىڭ، ئەمما كەمتۈكى يوقتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ.


بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.


مەن ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە بابىلنىڭ بىر چىرايلىق تونىنى، تۆت قاداق كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى بىر قاداقتىن ئاشىدىغان چوكا ئالتۇننى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېلىۋالغۇم كەلدى. ئۇلار ھازىر چېدىرىمنىڭ ئىچىدە كۈمۈش بىلەن بىرگە يەرگە كۆمۈكلۈك.


ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.


جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ: - بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! - دېيىشتى.


تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ھېچ كىشىنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد بېرىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite