Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئازاد قىلىندۇق. چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن. بىز كونا ئۇسۇل بويىچە، يەنى تەۋرات قانۇنىغا بۇرۇنقىدەك ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇسۇل بويىچە، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىمىز.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:6
24 Referans Kwoze  

ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى، يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق رىئايە قىلالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ بولسا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.


خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بىللە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر.


ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ.


خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر.


بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.


بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.


قېرىنداشلار، سىلەر قانۇننى چۈشىنىسىلەر. شۇڭا، شۇنىمۇ ئېسىڭلارغا سېلىپ قويايكى، قانۇن پەقەت ھايات ئادەمگىلا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ.


ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھقا نىسبەتەن بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك.


مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.


شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، لېكىن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا نىسبەتەن تىرىك ھېسابلاڭلار.


مەن چىن قەلبىم بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا مېنىڭ ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا سىلەرنى دۇئالىرىمدا دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشىم ئۈچۈن، ئاخىر بىر پۇرسەتنىڭ بولۇشىنى ئۇنىڭدىن تىلەيمەن.


مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن.


خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.


سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.


مەسىلەن، ئېرى بار ئايال ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلىنىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.


يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite