Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ! مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:25
20 Referans Kwoze  

مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.


تەنتەنە قىلغىن، ئەي كەڭ ئاسمان! خۇرسەنلىككە تولغىن، ئەي يەر-زېمىن! ياڭراتقىن كۈيلىرىڭنى، ئەي تاغلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ. ئېزىلگەن خەلقىگە رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىدۇ.


لېكىن، خۇداغا شۈكۈر! چۈنكى خۇدا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.


خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار.


گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.


تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىلتىپاتى، يەنى ئۆز ئوغلىنى ئاتا قىلغىنى ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!


ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.


سەن ئەسىرلەرگە ‹ئەمدى ئەركىن بولدۇڭلار› دەيسەن، زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا ‹نۇرغا چىقىڭلار› دەيسەن. ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ، تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ.


شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.


ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.


ھەممە ئىشلاردا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەمىشە خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite