Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇ قانۇنىيەتنى چۈشەندىمكى، ياخشى ئىشلارنى قىلماقچى بولساممۇ، يامانلىق ماڭا ھامان ھەمراھ بولۇپ تۇرغاچقا، مەن يەنىلا يامان ئىشلارنى قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:21
19 Referans Kwoze  

بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، تەن ئەزالىرىمنى گۇناھ سادىر قىلدۇرغانلىقتىن، مېنى گۇناھقا ئەسىر قىلىدۇ.


شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى.


گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.


شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن. بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر.


ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى، ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى.


ئۇلار ئازدۇرۇلغانلارغا، «سىلەر بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق قىلساڭلار، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىكنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى، ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ.


چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


- بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا،


نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن، ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن.


ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى.


گۇناھلار بېسىۋالغان بولسىمۇ بىزنى، كەچۈرۈم قىلىسەن گۇناھلىرىمىزنى.


چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى، كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى. بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم، تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى.


خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ! مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite