17 شۇڭا، بۇ ئىشلارنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھ.
ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھتۇر.
ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق.
بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، تەن ئەزالىرىمنى گۇناھ سادىر قىلدۇرغانلىقتىن، مېنى گۇناھقا ئەسىر قىلىدۇ.