Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 قېرىنداشلار، سىلەر قانۇننى چۈشىنىسىلەر. شۇڭا، شۇنىمۇ ئېسىڭلارغا سېلىپ قويايكى، قانۇن پەقەت ھايات ئادەمگىلا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 7:1
12 Referans Kwoze  

گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.


لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئازاد قىلىندۇق. چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن. بىز كونا ئۇسۇل بويىچە، يەنى تەۋرات قانۇنىغا بۇرۇنقىدەك ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇسۇل بويىچە، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىمىز.


سىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلاندۇق.


قېرىنداشلار، مەن جانجىگىرىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن.


چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر، تەلىم بولسا نۇردۇر، تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.


تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟


ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم.


مەن بۇلارنى پەقەت ئىنساننىڭ كۆزقارىشى بويىچە دېدىممۇ؟ ياق، بۇ ھەقتە تەۋرات قانۇنىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەنغۇ!


قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.


لېكىن ئۆزلىرى خۇدا سىلىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتلىرى بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا تەلىم بەرگەيلا.


ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite