Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 6:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 بىزگە مەلۇمكى، ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمدى ئەيسا مەسىھكە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 6:9
11 Referans Kwoze  

گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.


ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.


شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.


شۇنداق بولسىمۇ، ئۆلۈم ئادەم~ئاتىدىن تاكى مۇسا پەيغەمبەرگىچە ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ھەتتا ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان ئىنسانلارمۇ ئۆلۈمدىن خالىي بولالمىدى. ئادەم~ئاتا پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، كېيىن كەلگەن مەسىھمۇ پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر قىلدى.


ئۇنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىشى بولسا پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتلىق قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپ، ھەرگىز روھانىي بولغۇچى لاۋىي قەبىلىسىگە تەۋە بولۇش كېرەك دېگەن تۈزۈم بويىچە بولمىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بىللە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر.


ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ بىرلا قېتىملىق ئۆلۈمى ئارقىلىق گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ ھازىر ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتلىقى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite