7 چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن ھەرقانداق كىشى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس بولغان بولىدۇ.
ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.
خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر.
مەسىلەن، ئېرى بار ئايال ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلىنىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.
ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھقا نىسبەتەن بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك.
ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن. ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت بەرگەن مېۋىسى بىلەن تونۇلىدۇ.